خوتەن شەھەر گۈلدىيار مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئاچچىقسۇزاۋۇتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
زاۋۇتىمىز1994-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بۇلۇپ، ئەنئەنىۋىي قول ھۇنەرۋەنچىلىك ئاساسىدىكى كىچىك كارخانائىدى. ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىمۇ تۇۋەن دى.زاۋۇتىمىزنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى جاپاغا چىداپ ئىشلەپ،ئۆزكۇچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۇش،جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەپ،پائال ئىگىلىك يارتىپ كىچىكلىكتىن-چوڭلۇققا تەرەققى قىلغان كۆلەملەشكە ن زامانىۋىي كارخانىغا ئايلاندى. زاۋۇتىمىزنىڭ 15يىللىق تەرەققىياتى ھەقىقەتەنمۇ ئەگرى-توقاي،جاپا-مۇشەققەتلىك مۇساپە.ئۇنىڭ بۇگۇنكى شان-شەرىپى15يىللىق جاپامۇشەققەتنىڭ،15يىللىق قان تەرنىڭ،15يىللق جاپاغا چىداپ كۇرەش قىلىشنى مەھسۇلى. زاۋۇتىمىز2001-يىلى دۆلەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئدارىسىغا《گۇلدىيار》ماركىسىنى ئېلتىماس قىلغان بۇلۇپ،2003-يىلى تەستىقلانغان.2002-يىلى دۆلەتلىك سۇپەت-تېخنىكانازارەتچىلىك ئىدارىسى زاۋۇتىمىزنى تەكشۇرۇپ ئۆتكۇزۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ئاچچىقسۇنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشقانلىقى ئۇچۇن بىخەتەر يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىى يەنى .QS6532 0302 1014 نى بەردى زاۋۇتىمىزنىڭ يەر كۆلىمى10666كۇۋادرات مېتىر،قۇرلۇش كۆلىمى3660كۆۋادرات مېتىر بۇلۇپ مۇھىت ئاسراش بەلبىغى،ئىشلەپچىقىرىش سىخى،ئامبار،ئىشخانا،تەجىرىبەخانا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،ئىشلەپچىقىرش ئەسلىھەلىرى يۇرۇشلەشتۇرۇلگەن. زاۋۇتىمىز خوتەننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ،ئاشلىقنى ئاساس قىلىپ،ئەنئەنىۋىي قول ھۇنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن ھازىرقى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى بىرلەشتۇرۇپ ئارپا،كېپەك،بوغداي،كۆممە قوناق،يۇد قوشۇلغان تۇز قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكاۋە زامانىۋى ئۇسكىنىلەردىن پايدىلىنىپ ئىسمى-جىسمىغالايىق 《گۇلدىيار》ماركىلىق ئاچچىقسۇئىشلەپچىقىرىپ كەڭ ئىستىمالچى قېرىنداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.زاۋۇتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئاچچىقسۇ: ئۇزاق ساقلانغان ئاچچىقسۇ،تەمىلىك ئاچچىقسۇ،ئىسلانغان ئاچچىقسىۇدەپ ئۇچ تۇرگە بۆلىنىدۇ،ئوراپ قاچىلىنىش جەھەتتىن چەينەكلىك،پىڭزىلىق،خالتىلىق دەپ ئۇچ تۇرگە بۇلىنىدۇ. زاۋۇتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى: شىنجاڭنىڭ ھەممەشەھەرلىرىگە تارقالغان. زاۋۇتىمىز جەمىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇ رۇش بېسىمىنى يىنىكلىتىش ئۇچۇن ئوقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەت كۇتۇۋاتقانلا ۋە دىھقان،چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ،بۇلار نىڭ%20 دىن كۆپرەكى ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. زاۋۇتىمىز كۆپ يىللاردىن بۇيان 《سۇپەتتىكى ۋەدىسى،مەھسۇلاتتىكى ئوبرازى،ئەلا مۇلازىمىتى》ئارقىلىق،باشتىن ئاخىرى《سۈپەت قولۇمدا،خېرىدار قەلبىمدە》دېگەن شۇئاردا چىڭ تۇرۇپ كەڭ ئىستىمالچى قېرىنداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. خوتەن《گۇلدىيار》مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئاچچىقسۇ زاۋۇتى كۇندىن-كۇنگەتەرەققى قىلىپ،تۇرلۇك توسالغۇۋە،قىيىنچىلىقلارنىڭ ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ ،يىڭى پۇرسەت،يىڭى تەرەققىياتلارغا يۇزلۇنۇپ،سۇپەتنى چىڭ تۇتۇپ،بازارنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ئىستىمالچى قىرىنداشلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.
|